باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلدى

2017.07.24 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، مەملىكەت بويىچە مۇشۇ ئايدىن باشلاپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەدبىرى بىردەك يولغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 مىڭدىن ئارتۇق تاشقى سودا كارخانىسى ئېلىمىزدىكى باشقا تاشقى سودا كارخانىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىمىزدىكى 42 بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ، تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىش، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى بۇلتۇر 6 – ئايدا شاڭخەيدە ‹‹ئىككى مەركەز، ئۈچ تۈزۈم›› يادرولۇق مەزمۇن قىلىنغان مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان. بىر يىلدىن بۇيان سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلارنىڭ دائىرىسى دەسلەپكى 13 كارخانىدىن كېڭىيىپ 40 مىڭ كارخانىدىن ئاشقان. شاڭخەيدىكى سىناق نۇقتا رايونىدا، ئوتتۇرىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى 13 سائەت 18 مىنۇت بولۇپ، ئەسلىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رايونىدا ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي ئىمپورت ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 9 سائەت 42 مىنۇت قىسقارغان.

  ھازىر تاموژنا باش مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە يولغا قويغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تاۋار ئىمپورت ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى مەيلى قەيەردە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاموژنا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوخشاش بىر قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى ھەمدە بىرلىككە كەلگەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تۈرىدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن. ئۇقۇشىمچە، كارخانىلارنىڭ مېلى چېگرادىن ئۆتكەندە بىر قېتىمدىلا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىدىكەن، تاموژنا چېگرا پورتىنىڭ خەۋپ – خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك ئىجازىتى، مالنىڭ بىخەتەرلىك ئىجازىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە ئالدىن رۇخسەت قىلىدىكەن؛ كارخانىلارنىڭ ماللىرى چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاندىن تەۋەلىك بويىچە تاموژنىغا باج تاپشۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن.

  مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە تاموژنا بۇرۇن كارخانىلار مەلۇم قىلغان باج ئامىلى، كارخانىلارنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتەتتى. ھازىر بۇ ئۇسۇل باج ئامىلىنى كارخانىلار ئۆز ئالدىغا ھېسابلاشقا ھەم ئۆزى مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرۇشقا ئۆزگەردى. تاموژنا كارخانىلارنىڭ مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن جەريانىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. بۇ ئىسلاھات تەدبىرى ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى ئازايتىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، ھازىر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەدبىرى بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىمپورت ماللارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %50ىنى ئىگىلىگەن. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى تېخىمۇ ئەركىن، رەسمىيىتى تېخىمۇ ئاددىي، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشى تېخىمۇ راۋان بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 7 مىليارد 930 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.1 ئاشقان. جۇڭگو شىنجاڭ چېگراسىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ئوتتۇرىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى 1 سائەت 54 مىنۇتقا قىسقارغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر