باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى

2017.07.24 16:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى›› 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى قۇرۇشتىكى مەقسەت كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش، بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ‹‹ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش›› پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ئورۇنلىرى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بىرلەشمە قۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز، كارخانىچى، ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

  ئۇقۇشىمچە، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش›› پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ قالىدىكەن، ئۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر