باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ

2017.07.25 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. سۆھبەت يىغىنىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ماكرولۇق ئىقتىساد مۇقىم كۈچىيىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. بىز شۇنى كۆرىشىمىز كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولىۋاتىدۇ، ئىقتىسادتا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسى ۋە بازار ئىشەنچى تەدرىجى ياخشلىنىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى كۈندىن كۈنگە كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە شۇنى كۆرىشىمىز كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە نۇرغۇن مەسىلە ساقلانماقتا، بىز جەزمەن كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خىزمەتنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ئېلىمىز ئىقتىسادى يەنىلا قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا ۋاقىتتا، توغرا ئىشنى قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، زور خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرپە قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئاساسىي رىتىم قىلىپ، ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش − ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقتىن، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى مەجبۇرى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى مىخانىكىلىق ساقلاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى سالماقنى ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، قىلىدىغاننى قىلىپ، ئىشنى دەل جايىدا قىلىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلاپ، پۇرسەت-پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، سالماقنى ياخشى ئىگىلەشنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر