باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە تېز يوللىمىلارنىڭ ۋاقىتلىق نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزىلىدىكەن

ئۇنىڭدا تېز يوللىما كارخانىلىرىنىڭ ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سېتىشى ۋە ئاشكارىلىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن

2017.07.25 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 24- ئىيۇل «تېز يوللىمىلارنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ئۈستىدىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. بۇ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئېنىق دېيىلگەن: تېز يوللىما كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى تېز يوللىما مۇلازىمىتى جەريانىدا ئابۇنىچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى سېتىش ۋە ئاشكارىلاش ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  بۇندىن باشقا، تېز يوللىما كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئىچىدە ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار ياكى ئاشكارىلاپ قويۇش ئېھتىمالى بولغانلار دەرھال تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، ھەمدە شۇ جايدىكى پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك .

  مەزكۇر پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە، تېز يوللىما كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار تېز يوللىما توشۇش تالونى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياخشى ساقلاپ، تېز يوللىمىلارنى توشۇش تالونلىرىنى قەرەللىك كۆيدۈرۈۋېتىپ، ئۈنۈملۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتە ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر