باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دوڭلاڭدىكى تىركىشىشى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ھىندىستان تەرەپتە، جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق مۇرەسسە قىلمايدۇ

2017.07.25 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 24-ئىيۇل جۇڭگو- ھىندىستاننىڭ دوڭلاڭ رايونىدىكى تىركىشىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي ھىندىستان تەرەپتە، جۇڭگو ھەرگىزمۇ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچقانداق مۇرەسسە قىلمايدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشوپ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ھىندىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ دوڭلاڭ رايونىدىكى تىركىشىش ۋەقەسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇنى بىر ئۇزاق مۇددەتلىك زېمىن تالاش-تارتىشى، ماجىرانى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، ئاۋستىرالىيە جۇڭگو ـ ھىندىستان توقۇنۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىگە دىققەت قىلدى. ئاۋستىرالىيە تەرەپ ئېيتقان زېمىن ماجىراسىنى تىنچ ھەل قىلىش كېرەك، دېگەن بۇ پىرىنسىپ توغرا، لىكىن مەن شۇنى كۆرسىتىپ بېرىشىم كېرەككى، بۇ سۆز نۆۋەتتىكى دوڭلاڭ رايونىدىكى ۋەقەگە ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا زېمىن تالاش- تارتىشى مەۋجۈت ئەمەس. جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكى ئىككى تەرەپ ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ھەمدە 127 يىلدىن بۇيان رىئايە قىلىپ كەلگەن بېكىتىلگەن چېگرا، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە ئەزەلدىن تالاش-تارتىش قىلىپ باقمىغان. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدىكى بېكىتىلگەن چېگرادىن قانۇنسىز ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ زېمىنىغا كىرىشى بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىدە ئىلگىرىكى ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو- ھىندىستان چېگراسىدىكى بېكىتىلمىگەن رايونلار چېگرا سۈركىلىشى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى بار.

  لۇكاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ، لېكىن زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچقانداق مۇرەسسە قىلمايدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي ھىندىستان تەرەپتە. بىز يەنە بىر قېتىم ھىندىستان تەرەپنى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر