باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بويىچە مەخسۇس كەسپىي بىرلەشمىسى قۇردى

2017.07.25 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل، شىنجاڭ كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بويىچە مەخسۇس كەسپىي بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى 42 دوختۇرخانا تۇنجى تۈركۈمدە بۇ بىرلەشمىگە ئەزا بولدى. بۇ «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭدىكى ئەلا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار-ئۈرۈمچى كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى - رايون ئىچى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىسى» دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش تورىنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىمارنىڭ تىببى ساھەگە ئائىت سۈرىتى ۋە ئۇچۇرلىرىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە، يۇقىرىقى ئۈچ دەرىجىلىك جايدىكى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر تور ئارقىلىق بىمارنى يۈزمۇيۈز كۆرۈپ تۇرۇپ دىياگنوز قويالايدىكەن. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىك بۆلۈمى دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۇنجى بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش گۇرۇھى ۋە بىرلەشمە ئەزا ئورۇنلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىگە مەزكۇر بىرلەشمە ئورۇنلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك دېئاگنوز قويۇپ داۋالاش مۇمكىنچىلىكىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسۈتۈپ بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىدىكى بىمارلار ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپلا ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش سۇپىسىدىن باشقا، ئۇلار يەنە دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ۋە يېشىل يوللار قاتارلىق يېڭى ۋە مۇكەممەل داۋالاش ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر