خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى، پۈتكۈل پارتىيە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش-قويالماسلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەتتە بولۇش، قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئېنىق جاكارلىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى