- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش نىزاملىرىنى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى
ئېلىمىز تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەشتىكى جۇڭگوچە تۈزۈم سىستېمىسىنى تۇرغۇزدى
2017.07.28 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش نىزامى»، «دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش نىزامى»، «ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش نىزامى»، « <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوردېنى> ۋە دۆلەت شەرەپلىك نام بېرىش چارىسى»، « <1-ئىيۇل ئوردېنى> بېرىش چارىسى»، « <1-ئاۋغۇست ئوردېنى> بېرىش چارىسى»، « <دوستلۇق ئوردېنى> بېرىش چارىسى» يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلدى. ئېلىمىز پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە تۆھپە خاتىرىسى تەسىس قىلىپ، «بەش قائىدە، بىر دەپتەر»نى ئاساس قىلغان، تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلار تەقدىرلىنىدىغان بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، نوپۇزلۇق تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورناتتى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەشنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىكى، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلارنى ھۈرمەتلەيدىغان، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر