باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 9-تۈركۈمدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ %66ى ماگىستىردىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە؛ ئوتتۇرىچە يېشى 43.5 ياش

2017.07.31 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 9-تۈركۈمدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار 30- ئىيۇل ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈچ يىللىق خىزمىتىنى باشلىدى.

  1997- يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز تۈركۈمدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشنى تەشكىللىگەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، پۇختا ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئىتتىپاق ۋە مۇقىم قىلىپ، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇرى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىدىيەسىنى تەڭشەپ، تاللاپ ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە چېنىقتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىسى قىلىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماسلىشىشى بويىچە تەڭ دەرىجىلىكلەردىن ياخشىلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، تاللىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن بۇ قېتىمقى 9- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 573 نەپەر كادىر ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئالدىنقى تۈركۈمدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي كۆلىمى مۇۋاپىق كېڭەيتىلگەن، قۇرۇلما ئىقتىدارى يەنىمۇ ياخشىلانغان، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ %66ى ماگىستىردىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئوتتۇرىچە يېشى 43.5 ياش ئىكەن.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ تېزدىن خىزمەت رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن، 7- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدىكەن. شۇ ئارقىلىق، يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئاڭلىق ھالدا زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك ئىكەن.

  ھەر قايسى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەر ئەۋەتكەن 4066 نەپەر 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار 2017 ـ يىلى 2- ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ ئىشقا چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر