باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بانكىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.07.31 12:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى 29-ئىيۇل: ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بانكىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ 2017-يىللىق يىل ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى 28-ۋە 29-ئىيۇل ئېچىلدى. بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە بانكا كەسپىنىڭ ئايلىنىشى تەكشى بولماقتا. ئەمما خەتەردىن ساقلىنىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، ناچار مۈلۈكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر. بازار، كەسىپ ھالقىغان مەھسۇلات ۋە كەسىپ يوشۇرۇن خەتىرى بىر قەدەر چوڭ. ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى يوشۇرۇن خەتەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرزدارلىق خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. پۇل مۇئامىلىسىمان كەسىپلەر ۋە گۈللەنمە پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تاقابىل تۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر