باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەك

2017.07.31 12:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گۇاڭجۇ شەرتكە توشىدىغان ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش ھوقۇق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن بەزى خەۋەرلەردە: تۇرالغۇ ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئۆي ئىجارىچىلىكىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئىجارە ئالغۇچى ئاھالىلەرنى ئاساسى ئاممىۋىي مۇلازىمەت جەھەتتە ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك دەپ ئېيتقانلىقى خەۋەر قىلىندى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئۆي مۈلۈك تەتقىقات يۇرتىدىن ليۇ ۋېيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىك تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى بەزى ئىجتىمائىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت جۈملىدىن مائارىپ، داۋالىنىش، سەھىيە قاتارلىقلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەقسىملىنىشى ھەمىشە نوپۇس بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى، ھازىر بىز دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس بىلەن باغلىشىمىز كېرەك، بۇنداق ئۆزگىرىش كۆپچىلىك ئارزۇسىنىڭ ھەقىقىي ئىنكاسى.

  شۇنداقتىمۇ ئاممىۋى بايلىقنىڭ كەمچىل بولۇشىنى قىسقا ۋاقىتتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بۇ ئىجارە ئالغۇچىلار بىلەن سېتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش ھوقۇق بېرىشكە بىر جەريان كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،بۇ مەسىلە ئاممىۋىي بايلىق تەڭپۇڭ بولغاندا ۋە تولۇقلانغاندا ئاندىن ھەل بولىدۇ، ئوقۇشقا كىرىشنى مىسال قىلىدىغان بولساق شۇ جاي نوپۇسىدا بولمىسىمۇ ياكى ئۆز ئۆيى بولمىسىمۇ سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى ھەققىدە خېلى بالدۇرلا سىياسەت چىقىرىلىپ بولغان، ئەمما يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىشتە رەتكە تىزىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىن كېيىن ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋىي بايلىققا ئېرىشىش قىيىنغا چۈشتى،جۇڭيۈەن ئۆي مۈلۈكچىلىكىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى:يادرولۇق قىيىن مەسىلە ــ- ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى، داۋالىنىش بايلىقىدىن بەھرىلىنىش، ئەگەر يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ تەرتىپ يەنە ئارقىدا قالىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر