باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلا ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش مۇقىم ئېلىپ بېرىلدى

2017.07.31 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېسۇئېلا ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 30-ئىيۇل سائەت 6دە رەسمىي باشلاندى، نۆۋەتتە ئاۋاز بېرىش مۇقىم ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى.

  ۋېنېسۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى لۇسېنا شۈ كۈنى مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە كەڭ دائىرىدە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىگە ئائىت دوكلات تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئائىت خەۋەرمۇ يوق، مەملىكەت بويىچە %80تىن كۆپرەك ئاۋاز بېرىش پونكىتى ئېچىۋېتىلدى، خىزمەتچىلەرمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۆز ئورۇنلىرىدا، ئاۋاز بېرىش مۇقىم ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى.

  ئاۋاز بېرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى 230مىڭ ھەربىي، ساقچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاۋاز بېرىش پونكىتىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادىرو شۈ كۈنى سەھەردە پايتەخت كاراكاستتىكى بىر ئاۋاز بېرىش پونكىتىدە ئاۋاز بەردى. ئۇ ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق ئادەم ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ سايلام ئارقىلىق دېموكراتىيە ئارزۇسىنى ئىپادىلىشىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر