باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەت قاتارنىڭ 13 نۇقتىلىق تەلەپنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى

2017.07.31 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت 30-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار 13 نۇقتىلىق تەلەپنى ئىجرا قىلسىلا، تۆت دۆلەتنىڭ ئاندىن قاتار بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  شۇ كۈنى، تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بەھرايىندا يەنە بىر قېتىم كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە يىغىندىن كىيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، قەتئىي تۈردە تۆت دۆلەتنىڭ قاتارغا قاراتقان مەيدانىنىڭ بىردەكلىكىنى ۋە قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  يىغىندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر قاتارنڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجى تاۋاپ قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارنىڭ ھەجى تاۋاپ قىلىشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىگە كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلىشنى قارشى ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر