باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا تاراتقۇلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا دىققەت قىلدى

2017.07.31 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق ھەربىي پارات خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقى، رۇسىيە يېڭى ئاگېنتلىقى، خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقى قاتارلىق رۇسىيەدىكى ئوننەچچە ئاساسلىق تاراتقۇلار ھەربىي پارات پائالىيىتىنى ئەڭ دەسلەپ خەۋەر قىلدى، رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ھەرقانداق دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدار بار دەپ كۆرسىتىلدى، بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار دەپ كۆرسىتىلدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ ھەربىي پارات ئەھۋالى خەۋەر قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئارمىيەسى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا جۈملىدىن يۇقىرى پەن تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قورال جابدۇقنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا كۈچ چىقارماقتا.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ھەربىي پاراتتا جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ مىسلىسىز جەڭگىۋارلىق كۈچى نامايەن قىلىندى.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان« بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە خەۋەر بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات جۇرۇخ مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇملۇق ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنىپ، ھەققى ئۇرۇش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

  پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خەۋەر بېرىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات جۇڭگونىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى، ھەربىي پاراتتا دۇنياغا جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئەڭ ئىلغار ھەربىي مۇداپىئە قورال جابدۇقلىرى كۆرسىتىلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي پاراتتا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنياغا تولۇق تاشقان ئىشەنچىسى، تىنچلىقنى سۆيۈشتەك چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر