سۈرەتتە: شىمالىي شىزاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم رادار پونكىتىدا بايراملىق نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان كوماندىر- جەڭچىلەر رادار ئانتېننىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ ئاسراپ، «جادۇكۆز»نىڭ روشەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1949-يىلى، گومىنداڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ياپونىيەدە ياسالغان ئىككى دانە رادار ۋە سەككىز تېخنىكا خادىمدىن پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز شاڭخەيدە تۇنجى رادار ئەترىتىنى قۇردى؛ 1950-يىلى 4- ئايدا، ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى رادار باتالىيونى نەنجىڭدە قۇرۇلۇپ، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدا ياسالغان رادارلار سەپلەندى؛ 1952-يىلى 11-ئايدا، ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى رادار تۈەنى قۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى