خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر فوتوگراف فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.
شۇ كۈنى، جۇڭگو ھەربىي ئىشلار فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى جياڭشى ئۆلكىسىدىكى نەنچاڭ رەسىم يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمە «تۆھپە»، «شەرەپ»، «ئەسلەش» قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ھەربىي ئىشلار تېمىسىدىكى 200 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى، زورىيىشىدەك تارىخىي مۇساپىسى كۆپ تەرەپتىن نامايەن قىلىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى شانلىق نەتىجىلەر كۈيلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى