- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران، چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
2017.07.27 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىغا تەۋە بولغان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چارلىغۇچى پاراخوتى 25-ئىيۇل پارس قولتۇقى سۇ ساھىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چارلىغۇچى پاراخوتى 25-ئىيۇل ئەتىگەندە پارس قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى خەلقئارا سۇ ساھەلىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى يېقىنلاشقان، ھەمدە ئىككى قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھۇجۇمى قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئىسلان ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتى ئامېرىكا ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قارتا ھەرىكەت قوللانمىغان، ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتى ئايرىلغاندىن كىيىن داۋاملىق ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر