باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى

2017.07.26 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى «نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلىپ، مائارىپتىكى يىتىشسىزلىك يەنىمۇ نىشانلاندى؛ شۇ يىلى «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» تارقىتىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى «نۇمۇرنى ئاساس قىلىش» ئەھۋالى تەدرىجىي ئۆزگەرتىلدى؛ 2015- يىلى «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانى» تارقىتىلىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «قېپقېلىش»قا ئاساسى بار بولدى.

  ئۇزۇقلۇق چۈشلۈك تامىقى پىلانى نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تويۇپ ئوزۇقلىنىشى ۋە ياخشى ئۇزۇقلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئىمتىھانسىز يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتى مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى، سىنىپ تاللاش قىزغىنلىقىنى خېلى تۆۋەنلەتتى؛ نامرات رايونلارنىڭ نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى نۇرغۇن نامرات ئائىلە بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشى دۆلەتنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنياندىكى ئوتتۇرىھالدىن يۇقىرىراق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ساپ نىبسىتى %77.4 كە يىتىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ %69.2 لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.9 كە، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %104 كە يىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، دۇنيادا توققۇز تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن ئومۇمىي خەلق مائارىپى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %87 كە يىتىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ كەتتى؛ ئالىي مەكتەپ مائارىپ بويىچە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %42.7 كە يىتىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، مائارىپ ئادىللىقى جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، مائارىپ سۈپىتى مۇقىم ئاشتى، مائارىپ ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇگۈنكى جۇڭگو «1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مائارىپتىن بەھىرلەندۈرۈش» نىشانىغا قاراپ كۈچەپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر