- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن
2017.07.18 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈندۈزى مەكتەپتە تىل ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ياش-ئۆسمۈر بالىلاردىكى بۇنداق ئالامەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، كۈندۈزى مەكتەپتە تىل ھاقارىتىگە ئۇچرىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىسى چۈشىدە چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئېھتىماللىقى %65 بولۇپ، بۇنداق بالىلار ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
ئەنگلىيە پاراۋانلىق ئاپپاراتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى فوندى جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: چۈشىدە داۋاملىق چىشىنى غۇچۇرلاتسا، چىشى زەخىملىنىپ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ لىدىرى نىگېل كات مۇنداق دېدى: مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېسىمغا ئۇچرىسا،ئۇلاردا چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەمما مەكتەپتە بوزەك بولۇش بىر مۇھىم بېسىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بالىلار دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىچىدە چىشىنى غۇچۇرلىتىش جىددىي ئەھۋال بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ بالىنىڭ ئىدىيە ھالىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇلدۇر، يەنى، بۇنىڭ بىلەن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بوزەك بولغان ئەھۋالىنى بالدۇرراق ئىگەللەپ، شنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشىغا پايدىلىق.
كات يەنە مۇنۇلارنى دېدى: ئويغانغاندا، بېشى داۋاملىق تېلىپ ئاغرىسا ياكى ئېڭىكى ئاغرىسا، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، بالىلار بۇ خىل ئەھۋالنى ئاتا ـ ئانىسىغا ئىنكاس قىلسا، ئاتاـ ئانىلار ئۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىشى ھەمدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر