باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» − قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن شىنجاڭنىڭ ئىخچام كارتىنىسى(1)

2017.07.27 16:57   مەنبە: خەلق تورى

«قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» − قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن شىنجاڭنىڭ ئىخچام كارتىنىسى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېغىشلانغان جەزبىدار ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» 7-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەنتەنىلىك ئورۇندىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار ۋە 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت تاماشىبىنغا ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلدى ۋە دۆلەت ھالقىغان بۇ كاتتا سەنئەت مەرىكىسىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال-خۇرام، بەختىيار تۇرمۇشىنى سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچى ئارقىلىق نامايان قىلدى.

  «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىردا كومىدىيەلىك ئۈچ پىرسۇناژ ئاساس قىلىنىپ، بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن «ئانار قىزاردى»، «تارىم دەرياسى» قاتارلىق 11 خىل نومۇر دىراماتىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېگىزلىك، يايلاق، چۆللۈك مەنزىرىلىرى ئۇستىلىق بىلەن نامايان قىلىندى ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى، خۇشال كەيپىياتى تەسۋىرلەندى. يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇندالغان بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردا مىللىي ئۇسلۇب ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى نامايان قىلىشتەك ئەنئەنىۋى شەكىل ئۆزگەرتىلىپ، يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە يېڭىچە دېكراتسىيە كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا يېڭىچە ھوزۇر، يېڭىچە زوق، يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىندى. ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ باشلىنىشىدىكى «ئانار قىزاردى» نومۇرىدا، قىزىل يوپكا كىيگەن نەچچە ئون ھەر مىللەت ياش ئۇسسۇلچى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكى بەختىيار گۈزەل تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلەندى.

  ئۈچ رەسسام بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدىكى ھايات مۇساپىسىنى باشلىدى. ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كېزىپ، گۈزەل تاغ-دەريالار ۋە بەختىيار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇردى...

  شىنجاڭ دۇنياغا داڭلىق ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى. بۇ گۈزەل ھەم سىرلىق ماكاندا كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، مېھماندوست ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت بار، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان ۋە ئۇنى بېيىتقان. ئۇسسۇللۇق تىياتىر كىشىنى شۇ گۈزەل مەنزىرىلەر قوينىغا باشلاپ، گاھ قارلىق چوققىلار، تاغ-دەريالار، يايلاقلار ئارىسىدا ساياھەت قىلدۇرسا، گاھ قۇملۇق، باياۋان، توغراقلىقلار ئارىسىغا باشلاپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.

  ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»نىڭ باش رېژىسسورلۇقىنى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى شىڭ شىمياۋ ئۈستىگە ئالغان. ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ» خەلقئارا سەھنىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى سەككىز قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى ۋە نەق مەيدان رېژىسسورى، 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ رېژىسسورى بولغان. ئۇ بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى ئۇسسۇل رېژىسسورلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ ياخشى بىر مەيدان ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى روياپقا چىقىرىپ، خەلقئارا سەھنىدە شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت مۇنداق دېدى: «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، ئىناق-ئىتتىپاق مۇناسىۋىتى ۋە بەختىيار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا جۇڭگودىكى داڭلىق ئۈچ ئۇسسۇلچىنى تەكلىپ قىلدۇق، تىياتىردا مىللىي ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا كىيىم-كېچەك، مۇزىكا، دېكىراتسىيەگىچە يېڭىلىق يارىتىلدى. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى دەۋر روھىنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا نامايان قىلىپ، شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىسى كۈچەيدى، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى كېڭەيدى، مەركەزنىڭ دۆلەت ھالقىغان كاتتا مەرىكە __ جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتىشى شىنجاڭغا ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپلا قالماي، ھەر قايسى ئەل سەنئەتكارلىرىغا ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، «شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىدىغان» ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

  ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ مۇئاۋىن باش رېژىسسورى جەسۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزگىنىمىزگە ئىككى يىل بولدى، ئىككى ئايلىق رېپېتىتسىيەدىن كېيىن ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇنى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىدۇق. بىز بۇ قېتىم ئىچكىرىدىكى داڭلىق رېژىسسورلار بىلەن بىرلىكتە دەۋر روھىنى يورىتىپ، مىللىي ئۇسسۇل بىلەن زامانىۋى ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەدەن تىلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردۇق. ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 230 ئارتىس قاتناشتى، بىز ھېيت-بايراملاردىمۇ دەم ئالماي رېپېتىتسىيە قىلىپ، خەلققە مەنىۋى زوق ئاتا قىلالىغۇدەك بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. ئىلگىرىكى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئويۇن ئادەتتە بىرلا مەيدان قويۇلاتتى، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۈچ مەيدان قويۇلدى، ھەممە مەيداندا شىنجاڭ خەلق سارىيى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى، رەھبەرلەرمۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا «دەۋر روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن ئۆزگىچە، نادىر ئۇسسۇللۇق تىياتىر بوپتۇ» دەپ يۇقىرى باھا بەردى.

  خوتەن ناھىيەسىدىن كەلگەن تاماشىبىن مېھرىگۈل ئەيسا مۇنداق دېدى: مەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنى نەق مەيداندىن كۆرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇسسۇل بايراملىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆردۈم. 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر مەزمۇن ۋە سەۋىيە جەھەتتىن ئىلگىرىكىلەردىن پەرقى چوڭ بوپتۇ، باش نىشان چۆرىدىلىپ ئىشلىنىپتۇ. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئىشىكى ئالدىدىلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە ئۇسسۇل كېچىلىكلىرىنى ھەقسىز كۆرۈپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، شىنجاڭ سەنئەتكارلىرى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللىك ئۇسسۇلچىلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزىنى تاۋلايدىغان، تالانتىنى خەلقئارا سەھنىدە نامايان قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپتۇ. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟