باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىپ، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش تېزلىتىلىدۇ

2017.07.26 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاڭ فېڭ 25-ئىيۇل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىك بولغان خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلىدۇ. كەسىپ رايونى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىككە ئىگە كەڭ بەلباغ مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى يان تېلېفون ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ.

  جاڭ فېڭ مۇنداق دىدى: سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى داۋاملىق كۈچىيىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈچ تىجارەت سودىگىرى ئاساسلىق نىشانغا بولغان خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90 پىرسەنتكە يەتتى، ئالاقە تورى مەخسۇس ئۇلاش ھەققى ئارقا-ئارقىدىن تۆۋەنلىتىلدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %15تىن ئاشتى. كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر