باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ كۆچمىدە چىقىم قىلىش بازىرىغا ئايلاندى

بەلكىم بۇنىڭ بىلەن نەقپۇلسىز جەمئىيەتكە ئالدى بىلەن قەدەم قويۇشى مۇمكىن

2017.07.26 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمىي مەلۇماتقا قارىغاندا،ئەيرۈي مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە،جۇڭگو ئۈچىنچى تەرەپ يانتېلېفون چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تۆلەپ قىلىنغان سودىدىكى تاۋارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %200 ئاشقان بولۇپ، 38 ترليون خەلق پۇلى (تەخمىنەن بەش ترليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن.

  دۇنياۋىي تەتقىقات تۈرى ھېسابلىنىدىغانConnected Life (رەقەملەشتۈرۈلگەن دەۋرىدىكى تۇرمۇش تەتقىقاتى)دىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمىدە چىقىم قىلىشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرى ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگودا ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا %40 ئادەم ھەر ھەپتىدە كۆچمىدە چىقىم قىلىش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىدىكەن، لېكىن كۆچمىدە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى بىرەر قېتىم قوللىنىپ باققان ئالاقە تور ئىستېمالچىلىرىنىڭ سان نىسبىتى %77كە يېتىدىكەن.

  كۆچمىدە چىقىم قىلىشنىڭ بۇ خىل ئۆسۈش نىسبىتى بولسا، جوڭگو ئىستىمالچىلىرىنىڭ توردا ئىستېمال قىلىش ۋە چىقىم قىلىش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ ھەم شۇنداقلا، جۇڭگونىڭ تېز كېڭىيىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ نەقپۇلسىز تۈزۈمىنىڭ ئېشىشىغا كۆپ ياردەمى بولىدىكەن.

  جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرىكى يىپەك يولىدا، سۇڭ سۇلالىسىدا ئۈجمە قوۋزىقى ۋە يوپۇرمىقىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن قەغەز پۇل ياساپ چىققان ھەمدە ئوبوروت قىلىپ ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە قەغەز پۇل ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان. لېكىن بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، كۆچمىدە چىقىم قىلىش پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان، نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ سۈرئىتى ھازىر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى،جۇڭگو كۆچمىدە چىقىم قىلىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەغەز پۇلنى كەشىپ قىلغان ھەمدە ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو نەق پۇلسىز جەمئىيەتكە ئالدى بىلەن قەدەم قويۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر