باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

نەچچە دۆلەت ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە: پاكار ئادەم ئاز كېسەل بولىدىكەن ھەمدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن

2017.07.26 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكار ئادەملەر تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. ئامېرىكا ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 8000دىن ئارتۇق ياپونىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنى 50 يىلغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، 156 سانتىمېتىردىن نۆۋەت بولغان ئادەملەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. يەنە بىر ئىتالىيە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 162 سانتىمېتىرچە كېلىدىغان ئادەم بۇنىڭدىن ئېگىز بولغان ئادەمدىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. نيۇ-يورك ئالبېرت ئېينىشتېين تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ قېرىشنى تەتقىق قىلىش ئورنى مىڭدىن ئارتۇق 95 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بويىئېگىز ئەمەس ئىكەن، بۇلار ئىچىدە 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى پاكاركەن .

  راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بويى ئېگىز كىشىلەرنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بوي ئېگىزلىكى ھەر 10سانتىمېتىر كۆپەيگەندە، ئاياللاردا بارلىق راك كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرى %18 ئاشىدىكەن، ئەرلەردە %11 ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، بويى175 سانتىمېتىردىن ئاشقان ئاياللار بويى 155 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان ئاياللاردىن راك كېسىلى بولۇش خەۋپ-خەتىرى %37 ئاشقان. بوي ئېگىزلىكى ھەر 10 سانتىمېتىر ئاشقان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى ۋە قارا پىگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا %20 ۋە %32 ئاشىدىكەن، ئەرلەرنىڭ قارا پىگمېنت ئۆسمىسى ۋە مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %27 ۋە %21 كۆپىيىدىكەن.

  سەكتە بولۇپ قېلىش خەتىرىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. نورۋېگىيە ترومس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بويى ئېگىز ئاياللارنىڭ يۈرەك ناسۇسىنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر ئۇزۇن، قان ئاز بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر ئاياللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 157 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولسا، قان نۆكچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئۈچ ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن. بويى پاكار ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ھەرقايسى ئەزا بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا، قان ۋە ئوزۇقلۇقنى تېخىمۇ ئاسان يەتكۈزۈپ بېرىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، بۇ ھەم ئۇنداقلارنى نۇرغۇن كېسەلدىن يىراق قىلىدىكەن.

  كىنەز تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالىملىرى مۇنداق دەپ قارىغان: ئىنسانلاردىكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ياشاش بوي ئېگىزلىكى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن: ئەرلەر 165-168 سانتىمېتىرغىچە، ئاياللار 159-162 سانتىمېتىرغىچە. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، بويى ئېگىز ئادەم ياشاش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە، سۇ ۋە ئوكسىگېن قوبۇل قىلىشى لازىم بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدىكەن. لېكىن بويى پاكار كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، مۇھتاج بولىدىغان كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاز، بەدەننىڭ چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن. خۇددى بىر ئىمارەتتە قەۋەت سانى قانچە ئاز بولغانسېرى، ئۇلىنىڭ بەرداشلىق بېرىش يۈكى شۇنچە يېنىك، كېرەكلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىمۇ شۇنچە ئاز بولغاندەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر