باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 12 نۆۋەت كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەخمىنەن 300گە يېقىن پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزەتتى

پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى: كۆزىتىش «خەنجىرى» كارامىتىنى كۆرسەتتى

2017.07.26 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز 7-ئاينىڭ 14-كۈنى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ نىزامغا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى بولۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى بىلەن ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەھلىكە شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 12 نۆۋەت كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، 277 پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزەتتى. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مەركەز سۇ رۇڭ، ۋاڭ مىن، خۇاڭ شىڭگو قاتارلىق زور بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سەنشىدىكى «سىستېمىلىق غولاش تىپىدىكى چېرىكلىك»، خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى، سىچۈەن نەنچۇڭدىكى ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى، لياۋنىڭدىكى ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى قاتارلىق بىر قاتار چوڭ دېلولارنى پاش قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دېلولار ئىچىدە، %60تىن ئارتۇق مەسىلە يىپ ئۇچىغا كۆزىتىش جەريانىدا ئېرىشكەن. كۆزىتىش پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم سۇپىسى، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرىگە ئايلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر