خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئىيۇل كەچ سائەت 21دە، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
25- ئىيۇل كەچ سائەت 21دە، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلى1959- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئانسامبىل ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئارتىسلار موسكۋا تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن،ھەمدە مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ بىر نەچچە ئارتىسلىرى ئىلگىرى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئۆزبېكىستان مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەسىگە ۋەكىل بولىدۇ. 26-، 27-، 28- ئىيۇل، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسى ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى