باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوئان پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئۇچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى

2017.07.26 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتارنڭ دىپلوماتىك مۇناىسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، پارس قولتۇقى رايونى ۋەزىيىتى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى، ھەمدە ياراشتۇرۇش ئىشلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن باشلاندى، بىراق كىرىزىس تەل توكۇس ھەل قىلىنمىدى، يېقىندا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بۇ كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇش ھەل قىلىش ئۈچۈن پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئۇچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىپ، دىپلوماتىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش قىيىنغا توختاۋاتقان پەيتتە، مەزكۇر رايوندىكى يەنە بىر كۈچلۈك تەرەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان يېقىندا ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى. ئەردۇئاننڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئۈنۈمىنى گەرچە دەرھال كۆرگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پارس قولتۇقى رايونى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئويناش مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق.

  ئەردوغان 24-ئىيۇل قاتاردا بىر كۈن زىيارەتتە بولدى، بۇ ئۇنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئۇچ دۆلەتكە قىلغان سەپىرىدىكى ئاخىرقى بېكەت. بۇندىن ئىلگىرى، ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان ، پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەت ۋە كۇۋەيتنىڭ ئەمىرى سابا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناىسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى دەرھال ھەل قىلىشنى قوللايدۇ. ئۇ، قاتارنىڭ بۇ مەيدان كىرىزىسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە سوغۇق قان بولۇشتەك مەيداننى قوللانغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، ھەمدە قاتار ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېدى.

  ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى بايراقتار مۇنداق دېدى: ئەردۇئاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ باش مەقسىتى تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا دىپلوماتىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. باشقا جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقدىشى قاتارغا يان بېسىپ، پارس قولتۇقى رايونىدىكى سۆزلەشكۈچى دۆلەتلەردىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يىراقلىشىپ كېتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىزار بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

  تۈركىيە ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، قاتار بىلەن بولغان ھەمكارلىق نۆۋەتتە كۆپلىگەن جەھەتلەردە سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتلەردە بولماقتا، بىراق تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى زور ئىقتىسادى مەنپەئەتكە چېتىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارس قولتۇقى رايونىدىكى نېفىت بايلىقى مول بولغان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە ۋە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇۋاتقان، ياۋروپا بىلەن سۈركىلىشى كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ، ھەتتا تاراتقۇلار تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقىدىكى كاپىتالىنى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى دەپ ئاتىماقتا.

  گەرچە ئەردوغان يۈزتۇرانە دىپلوماتىيە ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەنىڭ مەيدان

  ىدا ئىتتىپاقدىشى قاتارنى قوللاش خاھىشى كۆپرەك بولغانلىقى، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن تەرەپلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ياراشتۇرۇشىغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ياراشتۇرۇشتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش قېيىن بولدى.ئەردۇئاننىڭ زىيارىتى سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بۇ قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، بىر دۆلەتنىڭ باشلىقى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون ئەللىرىنىڭ ياراشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا ئارقىدىن پارس قولتۇقى رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ ياراشتۇرۇش ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا، ئەردۇئاننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەتنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشىمۇ بۇ مەيدان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنىڭ يەنىلا ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلەپ تۇرۇشىدىكى بىر سىناق بولدى.

  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلغىنى شۇكى، ئەردۇئاننىڭ ياراشتۇرۇش مەقسىتىدىكى زىيارىتىمۇ تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۇز بەرگەن ۋە بۇ يىل 4-ئايدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىك پائالىيىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت تۈركىيەنىڭ رايون ئوبرازىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەردۇئاننىڭ چاقماق تېزلىكىدە ئىلىپ بارغان ياراشتۇرۇشىدىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا قاتارلىق غەرب ئەللىرى، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلىپ بېرىۋاتقان ئېلىشىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر