باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2017.07.20 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، 15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى كەسپى قاتارلىق سەككىز يېڭىلىق يارىتىش- ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەسپى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ئىلمى كەسپى قاتارلىق يەتتە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بار.

  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەر قۇرۇلۇشى پىلانى ئاپتونوم رايون مالىيە جەھەتتىن مەبلەغ سېلىش ۋە مەكتەپلەر يۈرۈشلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بەش يىل بىر قۇرۇلۇش دەۋرى قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 100 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىنىپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئىسلاھاتى، تەجرىبە ئەمەلىي مەشىق شارائىتى قۇرۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلار يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش مەشىق تۈرى، ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىياتى بىلەن ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەسپى تۆۋەندىكىچە:

  بىناكارلىق قۇرۇلۇشى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)، بايلىق تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)، باغۋەنچىلىك (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى)، مال دوختۇرلۇق (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى)، پەرۋىش ئىلمى (شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى)، ساياھەت باشقۇرۇش (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش (شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى)، نېفىت قۇرۇلۇشى (جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى [بېيجىڭ] قاراماي مەكتەپ رايونى).

  ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تۆۋەندىكىچە:

  بىيولوگىيە قۇرۇلۇشى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)، رۇس تىلى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)، جۇڭگو تېبابىتى ئىلمى (شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى)، پىداگوگىكا تۈرى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)، قوللىنىشچان فىزىكا ئىلمى (ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى)، تور ۋە يېڭى تاراتقۇ (سانجى ئىنستىتۇتى)، رازۋېدكا ئىلمى (شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر