خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چيۇ شاۋيۈن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى تاكتىكىلىق مەشىق مەيدانىدا ئۇدا ھۇجۇم قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە.
1952-يىلى 10-ئايدا، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇش مەيدانىدا، 26 ياشلىق چيۇ شاۋيۈن ئېتىقاد ۋە غەلىبە ئۈچۈن، بەدىنى ئوتتا كۆيۈپ كەتسىمۇ مىدىراپ قويماي، جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلدى.
قەھرىماننىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چيۇ شاۋيۈن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىم چيۇ شاۋيۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئاشۇ مىنۇتتىن باشلاپ، «ئىنتىزام ھاياتتىن قىممەت» دېگەن روھنى ھەر بىر ئوفىتسېر-ئەسكەرنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۈپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان روتا روھىغا ئايلاندۇردى.
دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ زور دولقۇنىدا، بۇ قەھرىمان قىسىم بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 76-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىرلەشمە بىرىگادىسى 9- روتىسى بولدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە، 9- روتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى دەۋر قامۇسىغا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن يۈكسەك ئاڭلىقلىقى بىلەن «قەھرىمان ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ» دېگەن جاۋابىنى پۈتمەكتە. كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى