باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

CRH5G تىپلىق ئوقپويىز باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىگە سەپلەندى

2017.07.26 15:28   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

CRH5G تىپلىق ئوقپويىز باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىگە سەپلەندى

  23-ئىيۇل، CRH5G-5220 نومۇرلۇق ئوقپويىز پاراۋۇزى ئېلىپ ماڭغان D2685 قېتىملىق ساياھەت پويىزى ئاستا-ئاستا شىئەن شىمالىي ۋوگزالىغا كىردى. بۇ دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان CRH5G تىپلىق ئوقپويىزنىڭ باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىگە رەسمىي سەپلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، CRH5G تىپلىق تېخنىكىسى ئۆستۈرۈلگەن ئوقپويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل پويىزنىڭ توققۇز تۈرلۈك ھالقىلىق تېخنىكىسى، 10 تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىسىنىڭ مۇستەقىللىق نىسبىتى ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىش نىسبىتى %90 دىن ئاشقان. بۇ ئوقپويىزغا مەملىكىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە پويىز تورىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى بولغان «جۇڭگو مېڭىسى» ئىشلىتىلگەن، ھەمدە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ھاۋادىمۇ نورمال يۈرەلەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، قۇم، تۇمان، قار-يامغۇر، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…