باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» شىنجاڭلىقلارنىڭ زامانىۋى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

2017.07.25 15:57   مەنبە: خەلق تورى

«قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» شىنجاڭلىقلارنىڭ زامانىۋى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

  سۈرەتتە: «ئانار پىشتى» ناملىق ئۇسسۇلدىن كۆرۈنۈش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇل كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت يەتتىدە، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۇسسۇل «ئانار پىشتى»نىڭ ئورۇندىلىشى بىلەن چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى «قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»نىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.

  __ ئىلگىرى تېلېۋىزوردا، شاڭخەيدىكى شىنجاڭ رېستۇرانلىرىدا شىنجاڭ ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ باققانىدىم، لېكىن نەق مەيداندا بۇنداق ھەيۋەتلىك، بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بەك ھاياجانلاندىم،- دېدى شاڭخەيلىك جاۋ جىڭ ئىسىملىك ساياھەتچى مۇخبىرغا.

  __ «قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق بۇ كېچىلىكتە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن تەرەققىيات قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ، ئىچكىرىگە، شۇنداقلا دۇنياغا شىنجاڭلىقلارنىڭ روھىي قىياپىتى، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشتۇق،- دېدى 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇسسۇل كېچىلىكى «قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»نىڭ باش رېژىسسورى شىڭ شىمياۋ.

  ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سەككىز قېتىملىق ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى ۋە نەق مەيدان رېژىسسورى بولغان شىڭ شىمياۋ ئىلگىرى 3-قېتىملىق جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نىڭ باش رېژىسسورى بولغانىدى.

  __ «قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» دە بىز مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلالىدۇق: جۇڭگو ئۇسسۇلىنى ياخشى ئويناپ، ياخشى جۇڭگولۇق بولۇپ، جۇڭگو روھىنى ياراتتۇق. بىز ھەممىمىز قۇياش نۇرى ئاستىدا جۇڭخۇا ئېلىدەك چوڭ ئائىلىدە خۇشال-خۇرام، بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بۇنداق ساغلام، خۇشال تۇرمۇشنى سەھنىدە نامايەن قىلىش، قانداق نامايەن قىلىش مېنىڭ بۇ سەنئەت كېچىلىكىنى پىلانلاپ چىقىشىمدىكى تۈرتكىلىك كۈچ بولدى،- دېدى شىڭ شىمياۋ مۇخبىرغا.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كېچىلىكنىڭ پىلانلىنىشىغا ئىككى يىل كەتكەن بولسا، ئۇسسۇللارنىڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشىغا ئىككى ئاي ۋاقىت كەتكەن. 90 مىنۇتلۇق بۇ كېچىلىككە 220 ئارتىس، 20 ئىجادىيەتچى قاتناشقان. كېچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل زېمىنى بولغان شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ شەھەر ئورگان مەدەنىيەت خىزمەتچىسىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىپ يېزىغا، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ گۈزەل ماكاننى ئايلانغانلىقى، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ، رەسىم سىزىپ، خۇشال كەيپىياتقا تولغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەڭ كەتكەن رايون ئالاھىدىلىكى، تاغ - دەريالار، بىپايان قۇملۇق، كۆپ - كۆك ئاسمان، زامانىۋى شەھەر مەدەنىيىتى «تارىم دەرياسى»، «بۆشۈك»، «پەرۋاز قىلىش» قاتارلىق ئۇسسۇللاردا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مۇزىكىلارنىڭ ئورۇندىلىشىدىكى چالغۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. مەسىلەن، «تارىم دەرياسى» ناملىق ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىسىدا ئەنئەنىۋى چالغۇلار، جاز چالغۇلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە ئاڭلاش تۇيغۇسى بېرىلگەن.

  __ پۈتكۈل كېچىلىكنى ناھايىتى ھوزۇر ئىچىدە كۆرۈپ چىقتىم، دۆلىتىمىز چوڭ ئائىلىسىدىكى شىنجاڭلارنىڭ زامانىۋىلىققا تولغان بەختلىك تۇرمۇشى، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان روھى بۇ كېچىلىكتە ناھايىتى تولۇق نامايەن قىلىنىپتۇ،- دېدى تاماشىبىن ئادىل ئابلا كېچىلىكتىن كېيىن مۇخبىرغا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…