سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭ (سولدا)، ليۇ يىن (ئوڭدا) ۋە 1932- يىلى خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇي سوۋېت رايونىدا قىزىل جۇڭخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆچۈرگەن ۋاڭ زىگاڭ (ماتېرىيال سۈرەت).
1930-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، قىزىل ئارمىيە قاراملىق بىلەن يالغۇز ئىچكىرىلەپ كىرگەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 18- شىسىنى يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ شىجاڭى جاڭ خۇيزەننىڭ قول ئاستىدىكى 9000دىن ئارتۇق ئادەمنى يوقاتتى ۋە ئەسىرگە ئالدى.
«شۇ قېتىملىق جەڭدە، قىزىل 3-ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيەسى 18-دىۋىزىيەسىنىڭ رادىيو ئىستانسىسىنى ئولجا ئالدۇق»، دېدى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، نەنجىڭ گارنىزون رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان لى يەنفۇ ئەسلەپ.
جەي چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ: بۇ قېتىمقى قولغا چۈشۈرگەن رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قۇۋۋىتى ئاران 15 كىلوۋات بولغاچقا، پەقەت تېلېگرامما قۇبۇل قىلالايتتى، بىراق تېلېگرامما يوللىغىلى بولمايتتى، دېدى.
شۇ قېتىمقى جەڭدە ۋاڭ جېڭ، ليۇ يىن قاتارلىق گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ 10دىن ئارتۇق سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكا خادىمىمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ، سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىزىل ئارمىيەگە قاتناشتى. ۋاڭ جېڭ ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى رادىيو ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى