باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا شەھىرىدەئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

2017.07.25 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى قارا دېڭىز پورت شەھىرى ئودېسسادا 24- ئىيۇل ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل ۋەيران بولدى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ماگىزىننىڭ ئەينەكلىرى چېقىلدى. ئودېسسا ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئودېسسا شەھىرى ژۇكوۋ كوچا بويىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر لادا ماركىلىق پىكاپتا شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش خادىملىرى پارتلاتقۇچنىڭ بىر لادا ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقى ئاستىغا بېكىتىلگەنلىكى ۋەئۇ پارتلاشنىڭ ئېكۋىۋالېنتى 600 گرام ئېغىرلىقتىكىTNTپارتلاتقۇچ دورىسىنىڭ پارتلىتىش كۈچى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرگەن.

  ھازىر دەم ئېلىش ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىت، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ھازىر بۇ شەھەردە ئارام ئېلىۋاتقانلىقتىن، ئودېسسا ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ، مەقسەتلىك ھالدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى جىنايى ئىشلار دېلولىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر