- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىزمىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىدى، دېدى
2017.07.27 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 26- ئىيۇل ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىزمىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىدى، دېدى.
شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاناما دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاناما- جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، پانامانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سوراپ باقسام، جۇڭگونىڭ پانامادىكى باش ئەلچىخانىسى قاچان ئېچىلىدۇ؟
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللەر باشقارمىسى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي ھالدا جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ھەمدە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشقا باشلىدى.
جۇڭگو بىلەن پاناما بۇ يىل 6-ئايدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر