باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» بېسىپ تارقاتتى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى شىركەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.07.27 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى شىركەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىركەت تۈزۈمى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىلىي ئۇسۇلى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان دۆلەت كارخانىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى شىركەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى» بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەركەز كارخانىلىرى (مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ تۈزۈمىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» بويىچە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر