باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق يوقاپ كەتكەن ئىككى دىپلوماتى بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇلدى

2017.07.27 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 26-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئايدا ئافغانىستاندا يوقاپ كەتكەن پاكىستاننىڭ ئىككى دىپلوماتى نۆۋەتتە بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇلدى، ھەمدە پات ئاردا پاكىستانغا قايتىپ كېلىدۇ.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارىغا تېلېفون بېرىپ، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ بىر قېتىملىق ھەرىكىتىدە پاكىستاننىڭ يوقاپ كەتكەن ئىككى دىپلوماتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بايقىغانلىقىنى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى كەچتە بۇ ئىككى دىپلوماتنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەن، ئارقىدىن ئۇلار تېزدىن پاكىستانغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان. باياناتتا، پاكىستانلىق بۇ ئىككى دىپلوماتنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سەۋەبلەر تىلغا ئىلىنمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر