خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى دۆلىتىمىزنىڭ لىۋىيەدىكى خادىملىرىنى يۆتكەپ بېيجىڭغا بىخەتەر ئېلىپ كەلدى، قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغان قېرىنداشلار ۋەتەن زېمىنىنى سۆيدى (2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).
بىر خىل تارىخ بار، ئىسسىق قان بىلەن يېزىلغان، شۇنچىلىك مەردانە، شۇنچىلىك تەسىرلىك؛ بىر خىل غەلىبە بار، جان بىلەن پۈتۈلگەن، شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار، شۇنچىلىك پارلاق.
1927-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەنچاڭ شەھىرىدىكى بىر مىلتىق ئاۋازى بىلەن، يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى تارىخىي سەھنىگە چىقتى.
بۇ قوشۇن «ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ، بايرىقىدا ئورغاق بىلەن پالتا بار». 1927-يىلى 9- ئايدا، نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىنلا پارتلىغان كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى جەريانىدا، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي بايرىقىنى ئاشكارا ئېگىز كۆتۈرۈپ چىقتى.
90 يىللىق ئىسسىق قان بەدىلىگە كەلگەن شەرەپ، 90 يىللىق قىزىل بايراق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى يېزىپ قالدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى