باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭلىقلار خەلقئارا ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە

2017.07.27 16:54   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭلىقلار خەلقئارا ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چالغۇچىنىڭ قولى تەبلىۋاز ئۈستىدە ئەركىن يايرىماقتا، ئۇسسۇلچىلار يېقىملىق مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 26 - ئىيۇل كەچتە پاكىستان دۆلەتلىك سەنئەت كومىتېتى ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئاتىغان مەخسۇس كېچىلىكى شىنجاڭ مۇقام سەنئىتى تىياتىرخانىسىدا تۇنجى مەيدان ئۆتكۈزۈلدى.

  كېچىلىك پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «كالاش ۋادىسى ئۇسسۇلى»دىن باشلاندى. 13 ئەر - ئايال ئۇسسۇلچى مۇزىكا رېتىمىگە ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بولغان «كالاش ۋادىسى ئۇسسۇلى»نى، ئارقىدىن «رىۋا ئۇسسۇلى»، «كاتاك ئۇسسۇلى» قاتارلىقلارنى ئويناپ، پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتىنى شىنجاڭلىقلار ئالدىدا نامايەن قىلدى.

  پاكىستان دۆلىتىمىزنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپلا قالماستىن، «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ خەلق ئۇسسۇلى ۋە قەدىمكى ئۇسسۇللىرىنى ئويناپ دۆلەت ئىچىدە داڭ چىقارغان دۆلەتلىك سەنئەت كومىتېتى ئۇسسۇل ئۆمىكىنى 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا مەخسۇس ئەۋەتكەن بولۇپ، بايرام ئۈچۈن ئۇلار مەخسۇس كېچىلىك تەييارلىغان ۋە بىرقانچە ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، قايتىدىن رەتلەپ سەھنىلەشتۈرگەن. ھەر بىر ئۇسسۇلدا پاكىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  شۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭ بىڭتۈەن سەنئەت ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى بىر ئىناق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل كېچىلىكى __ «تەرەققىياتنىڭ سالاپىتى» ، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئورۇندىشىدىكى مەخسۇس كېچىلىك شىنجاڭلىقلارغا سۇنۇلدى.

  كېچىلىك «تەرەققىياتنىڭ سالاپىتى»دا بىڭتۈەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس باتۇر روھى ئۇسسۇل «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»، «بوز يەر ئاچقۇچىلار»، «چۆلدىكى مۇھەببەت»، «ساداقەتمەن قوغدىغۇچى»، «نان ھېدى» قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يېڭى تەرەققىيات تارىخىنى ياراتقانلىقى نامايەن قىلىنغان.

  قۇرۇلغىنىغا 60 يىلدىن ئاشقان ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى كېچىلىكتە سەھنىگە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن 20 ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل «نورۇز»، «خۇشال كۈنلەر»، «پەرغانە» قاتارلىقلارنى ئويناپ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنى بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ بايرام كەيپىياتىنى، مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى، مول ھوسۇل شادلىقىنى شىنجاڭلىقلار ئالدىدا نامايەن قىلدى. سەھنە ئاستىدا بولسا مېھماندوست، سەنئەت سۆيەر شىنجاڭلىقلار ئۇلارغا ھەمدوست بولۇپ، مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلچىلارغا چاۋاك چالدى، بەزىلىرى ئورنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ شادلىقىغا جۆر بولدى.

  __ پۈتكۈل سەنئەت كېچىلىكىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزگىچە سەنئىىتىدىن، ئۇسسۇلچىلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئورۇنداش ماھارىتىدىن بەھىرلەندىم. شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇل بايرىمىدا خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پەيزىنى سۈردۈرمەكتە،- دېدى تاماشىبىن مۇقەددەس تۇردى مۇخبىرغا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟