باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوچۇق يىغىن ئۆتكۈزدى

جۇڭگو ۋەكىلى شى جىنپىڭنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى «تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسى»نى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى

2017.07.27 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25-ئىيۇل پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا ئوچۇق يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىنغا بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىس، جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى رىياسەتچىلىك قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىدىن پەلەستىن، ئىسرائىلىيە قاتارلىق 50 كە يېقىن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

  ليۇ جېيى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى «تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسى» ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە مەدەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرىنچى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئاساس قىلغان سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قەتئىي قوللايدۇ، 1967-يىلى قۇرۇلغان چېگرانى ئاساس قىلىپ، شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىگە مەدەت بېرىدۇ، ئىلگىرىكىدەك پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334- قېتىملىق قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىۋېلىنغان زېمىندىكى بارلىق مەھەللە قۇرۇش پائالىيىتىنى دەرھال توختىتىپ، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تېزدىن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئورتاق ئۇزاققا سوزۇلغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، ياراشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچىنى زورايتىش. خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق قاتنىشىدىغان ياراشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەدبىرىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق تىرىشچانلىققا قاتنىشىشنى خالايدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، يىل ئىچىدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقپەرۋەر زاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاراسەت، تەدبىر كۆرسىتىدۇ.

  تۆتىنچى، ئۇنىۋېرسال سىياسەتنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. سىياسىي سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەرەققىيات مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ قاراپ، ئەسلىدىكى تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىننىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو- پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۈچ تەرەپ سۆزلىشىش مېخانىزىمىنى باشلاپ، پەلەستىنگە ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر