باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ۋەزىيىتى يېقىندا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

2017.07.27 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ۋەزىيىتى يېقىندا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مۇرەككەپ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى، جۇڭگو پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا باشتىن ئاخىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى، يېقىندا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تۆت تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىيۇ جىيى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تەكلىپكە پائال ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25-ئىيۇل پەلەستىن مەسىلىسىدە ئاشكارا مۇنازىرە ئىلىپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى مۇرادىنوفنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەمدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى لىيۇ جىيى سۆز قىلغاندا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسىنىڭ، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا چوڭ مۇھىت ئاساسىدا، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشتا باش مەقسەتكە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ليۇ جىيى مۇنداق دېدى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈپ مەنبەلىك مەسىلە، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېخىمۇ كىرىزىس ئىچىگە كىرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.

  لىيۇ جىيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغۇچىسى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ ئاكتىپ ياراشتۇرغۇچىسى. ئالدىنقى ھەپتە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، يېڭى ۋەزىيەتتە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1- ئىككى دۆلەت لايىھەسىگە تۈرتكە بولۇشنى ئاساس قىلغان سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدا چىڭ تۇرۇش. ئىككى دۆلەت لايىھەسى مەزكۇر رايون ئەمەلىيىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارانىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئالاقىدار تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدا ، زېمىن ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش پىرىنسىپى ۋە ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو، ئىككى دۆلەت لايىھەسىدە، 1967-يىلدىكى چېگرا لىنىيەسى ئاساس قىلىنغان، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلغان، تامامەن ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايدۇ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاۋۋالقىدەكلا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. 2-: ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان قوشنىلار، ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە ئورنىتىشقا ، بىر بىرنى قوللاشقا ، ئورتاق گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يولىدا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334- نومۇرلۇق قارارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشغالىيەت زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىرىنى قۇرۇشتەك بارلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى، سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى تېزدىن سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، ئوتاق ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. 3-: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇش كۈچىنى زورايتىشى كېرەك. بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بىلىشنى زورايتتى، ئالاقىدار تەرەپلەر پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا تۈرتكە بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت يەنىمۇ ماسلىشىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۇرۇش تەدبىرلىرىگە تىزدىن تۈرتكە بولۇشى ۋە بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك. جۇڭگو، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، يىل ئىچىدە پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئەربابلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىچىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشنى ۋە تەبىر بەلگىلەشنى خالايدۇ. 4-: تىنىچلقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش. سىياسىي سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش ، بولۇپمۇ پەلەستىن ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى بىر بەلباغ بىر يول ياقىسىدىكى مۇھىم شېرىكى دەپ قارايدۇ، شۇڭا جۇڭگو تىنچلىقنى ئىلگىرى سۇرۇش قارشى بويىچە، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەلەستىننىڭ تەرەققىياتنى تىزلىتىشنى داۋاملىق قوللايدۇ. بۇ تىنچ يارىشىش ئاساسىنى چىڭىتىش، ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە بولغان گۇمانلىنىش ئامىللىرىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. جۇڭگو ، جۇڭگو، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپنىڭ سۆزلىشىش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن تەرەپكە ياردەم بېرىلىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرگە ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  لىيۇ جىيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەشەببۇس، جۇڭگو تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ۋە خەلقئارا چوڭ مۇھىتنى ئاساس قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن يېڭى تىرىشچانلىقى، شۇنداقلا، جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچتا سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئالاقىدار مۇساپىلەرگە تۈرتكە بولۇشتا ئەمەل قىلىدىغان باش پىرىنسىپى. بىز، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشۇپ ۋە قوللاپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىدە بۆسۈپ ئۆتۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لىيۇ جىيى مۇنداق دېدى؛ يېرۇسالېم ۋەزىيىتى يېقىندا داۋاملىق يامانلىشىپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ يەتتى. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ئاقسا مەسچىتىدە كېلىپ چىققان قارشىلىشىشنى پەسەيتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتە ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن ھاسىل قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىدىن ساقلىنىش. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە رايون ئەللىرى دىپلوماتىك ھەرىكىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپ، ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇپ، قارشىلىشىشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى تېزدىن ئىجرا قىلىش تەلىپى بويىچە، تارىخىدا شەكىللەنگەن يېرۇسالېم قەدىمى شەھەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش كېرەك. بىز، بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوللانغان تەدبىرلەرگە دىققەت قىلماقتىمىز. بىز، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆزلىشىپ ۋە ئالاقىلىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىپ ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىشىنى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر