باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي-بورتالا-قاراماي تۆۋەن ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى

2017.07.31 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئىيۇل، بىر دانە Y-12 يېنىك تىپلىق 17 كىشىلىك كېچىك ئايروپىلاننىڭ قاراماي ئايرودۇرۇمدىن ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ، قاراماي-بورتالا-قاراماي قىسقا مۇساپىلىك يولۇچى ۋە يۈك توشۇش قاتناش لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇ يەنە قاراماينىڭ شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى ۋە رايون ساياھەت كۆجۈم مەركىزى ئاۋىياتسىيە بازىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، قاراماي-بورتالا-قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر كۈنى قاتنايدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى سائەت 9:00دا قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:30دا بورتالاغا يېتىپ بارىدىكەن، قايتىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر كۈنى سائەت 20دە بۆرتالادىن ئۇچۇپ، 21:30دا قارامايغا يېتىپ كېلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئاممىۋى باھاسى 242 يۈەن ئىكەن، يەنە تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن ئايروپىلان كۆتۈرە قىلىشقا زاكاز قىلىشقا ھەمدە ئۇچۇش ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىكەن، بېرىپ-كېلىشنىڭ كۆتۈرە ئايروپىلان باھاسى 7548 يۈەن، تاق يۆنۈلۈشنىڭ، يەنى بېرىشنىڭ كۆتۈرە ئايروپىلان باھاسى 3910 يۈەن بولىدىكەن.

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە گۇاڭدۇڭ لوڭخاۋ گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان،ھەمدە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىدىغان بۇ قېتىمقىئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقانلىق توغرىسىدا، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ ياۋۋېي مۇنداق دېدى: بۇ ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى قاتناش كەسپى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاراماي ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن،قارامايغايېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر