باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «شەرەپلىك تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2017.07.26 15:35   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ «شەرەپلىك تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 90 يىل بولغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، «شەرەپلىك تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى ــ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەم خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن تارىختا چاقنىغۇدەك ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. خەلق ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 90 يىلغا قەتئىي ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ، ئېسىل ئىنقىلابىي ئەنئەنە، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىش ئىستىلى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز. بىز شەرەپلىك تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار باشلىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىر، ئامما ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدا ۋاقىت ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئارمىيەمىز 90 يىل جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن زور ھەل قىلغۇچ جەڭلەر، زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەش جەريانى، شۇنداقلا زور تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەر گەۋدىلىك نامايان قىلىنغان. كۆرگەزمىدە «جىڭگاڭشەندىكى ئۇچرىشىش»، «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش توغرىسىدا»، «جىنجۇنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش»، «شىمالىي جۇڭگودىكى ھەربىي مانېۋىر»، «شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىش»، «ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش»، «گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى»، ئارمىيەمىزنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق قورال – ياراغ مودېللىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەنزىرە ۋە كۆرگەزمە تۈرلىرى نۇقتىلىق لايىھەلەنگەن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ قورال – ياراغ مەشىقىگە تەقلىد قىلىنغان تۈرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆرگەزمىدە يەنە 1000 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1300 پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىي يادىكارلىق ۋە نۇرغۇن جەدۋەل، يازما چۈشەندۈرۈش، ماي بوياق رەسىم، مەنزىرە، ۋىدىئو، سېزىمچان ئېكران ھەم بىر يۈرۈش ئاساسلىق ئۇرۇش قورال – ياراغلىرىنىڭ مودېلى قاتارلىقلار ئارقىلىق خەلق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى ۋە ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلابىي كۈرەش ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يېتىلدۈرگەن شانلىق ئەنئەنىسى، ئېسىل ئىستىلى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى غايەت زور نەتىجىلەر جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. جۇ دې نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ئىشلەتكەن تاپانچا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەرقىي شىمال بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى جۇ باۋجۇڭنىڭ شەرقىي شىمالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغاندا قالدۇرغان خاتىرىسى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خۇەيخەي ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن قول ھارۋىسى، 1955 – يىل پاسونىدىكى مارشال مۇراسىم فورمىسى، ئادەتتىكى فورما، ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە، دۆلىتىمىز ياسىغان تۇنجى ۋودورود بومبىسى ۋە ھاۋادىن تاشلىغان تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ مودېلى، ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان جەڭچىلەر سومكىسىغا يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامە، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ نەنخەي دېڭىزىدا مەشىق ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغان چاغدىكى سۈرىتى، ئىسلاھ قىلىنىپ قايتا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىنىڭ بەلگىسى قاتارلىق قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىقلار، مول ھۆججەتلىك ماتېرىياللار، ئەينەن ياسالغان مەنزىرىلەر شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنى جەلپ قىلدى. ئۇلار كۆرگەزمىنى تەپسىلىي كۆرگەچ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟