باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

2017.07.31 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11 ـ ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى يۇقارقى كوكۇلا كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن قۇربان ئېتىزلىقىدىكى 10 مو بۇغداينى كومبايىن بىلەن بىر سائەتكە قالماي ئورۇپ بولدى.

  __ ئىككى يىل ئىلگىرى مەن تېخى يىللىق كىرىمىم 3000 يۈەنگە يەتمەيدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە سېلىۋالغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيۈمدىن باشقا ھېچ نەرسەم يوق نامرات دېھقان ئىدىم. ئۈچ يىل ئالدىدا قاتناش ھادىسىسىدە قولۇم سۇنۇپ كېتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ناچارلاپ كەتكەنىدى. بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، بۇ كومبايىننى 96 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدىم، كومبايىننىڭ قالغان 46 مىڭ يۈەن پۇلىنى بۇ يىل ئورما ئورۇپ تاپقان پۇل بىلەن قايتۇرۇپ بولىمەن، __ دېدى تۇرسۇن قۇربان، __ پارتىيەنىڭ بىزدەك دېھقانلارغا قاراتقان ئېتىبار بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرى يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىزمۇ كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مەن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزدەك قىيىنچىلىقى بارلارغا چىقارغان بېيىتىش سىياسەتلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

  تۇرسۇن قۇربان ئائىلىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق دېھقاننىڭ، شۇنداقلا 2017 ـ يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان 100 مىڭغا يېقىن نامرات دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىچىك كارتىنىسى. ئۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويدى.

  __ 2017 ـ يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى مەركەزنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش چاقىرقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا نۇقتىلىق ھالدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، تاغلىق رايونلار، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە مايىل بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى نامرات ناھىيە، 191 نامرات كەنت، 206 مىڭ 300 دىن ئارتۇق نامرات دېھقان بار ئىدى. بۇلتۇر ۋىلايەت بويىچە 68 نامرات كەنتتىكى 73 مىڭ دېھقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ شەھىرىدىكى نامرات دېھقانلار ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىل كۇچا، باي، توقسۇ، شايار، ئاۋات، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 94 نامرات كەنتتىكى 84 مىڭ نامرات دېھقان ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ، 2018 ـ يىلىغا بارغاندا بەش كەنتتىكى 2658 نامرات دېھقان ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلسا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە قالپىقى چۆرۈپ تاشلانسا ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ۋىلايەت بولۇپ قالىدۇ، __ دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيىت، __ 2020 ـ يىلىغا بارغاندا بىز نەتىجىلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن جەمئىيەتكە قەدەم قويىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغىدىن 360 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 265 تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىگە بىر كادىر ئىگە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن. دېھقانلارنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچەپ ياردەم بېرىپ، 320 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز تارقاتقان، بۇنىڭدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بەھرىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەن. 2014 ـ يىلىدىن بۇيان ۋىلايەت بويىچە 139 مىڭ 100 يېڭى ئىش ئورنى يارىتىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %1.87 ئىچىدە تىزگىنلەنگەن. يېزىلاردىكى 400 مىڭ (قېتىم) ئېشىنچا ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 1213 مەمۇرىي كەنتتە «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇپىسى» بەرپا قىلىنغان. توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا باجدا 142 مىليون يۈەن ئېتىبار قىلىنىپ، كارخانىلارغا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىدىن 14 مىليون يۈەن تارقىتىلغان، بۇنىڭدىن 100 مىڭ ئادەم بەھرىلەنگەن. بولۇپمۇ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلارنى داۋاملىق تەربىيەلەپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 26 مىڭ 410 ئادەمنىڭ %97 ىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇپ، يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە يەتكەن.

  8 ـ ئىيۇل كەچ سائەت ئالتىلەردە، ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئابلەت تۇراپ بىلەن قوشنىسى جاڭ مېيجۈن پاراڭلاشقاچ نەۋرىلىرىنى ئوينىتىۋاتاتتى.

  __ بۇرۇن بۇ يەر تاشلاندۇق جاي ئىدى، بۇلتۇر ھۆكۈمەت بۇ يەرنى چېقىپ تۈزلەپ بىزگە باغچە قىلىپ بەردى. بىزمۇ يازدا سايىدايدىغان، چېنىقىدىغان ياخشى سورۇنغا ئىگە بولدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا سالغان سېلىنمىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، خەلقمۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇۋاتىدۇ، بەھرىلىنىۋاتىدۇ، __ دېدى ئابلەت تۇراپ.

  ___ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، __ دېدى ياندا ئولتۇرغان قوشنىسى جاڭ مېيجۈن گەپ قىستۇرۇپ، __ ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئابلەت ئىككىمىز تۇغقان بولدۇق، ئەسلىدىنمۇ مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئىدى، ھازىر تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇدا يەتتە يىل «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»نى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت مالىيەسىنىڭ %78 ىنى، نىشانلىق ياردەم مەبلىغىنىڭ %80ىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن، ئومۇمىي سېلىنما 63 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1859 تۈر قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئاممىنىڭ ھەقىقىي قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنغان، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈندىن ـ كۈنگە كۈچەيگەن. 2014 ـ يىلىدىن 2016 ـ يىلىغىچە ۋىلايەت بويىچە 888 يەسلى سېلىنغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا 668 يەسلى يېڭىدىن سېلىنغان ۋە ئەسلىھەلىرى تولۇقلىنىپ، سېنتەبىردە ئوقۇش باشلاشقا ئاساس سېلىنغان، ۋىلايەت بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %99.85 كەيەتكەن. 193 مىڭ ئائىلە ئەمىن ئۆي سالغان، 2000 چارۋىچى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان، يېزا ـ بازارلاردا 117 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۇرالغۇسى سېلىنىپ، 250 مىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. 3688 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېزا، كەنت تاشيولى ياسالغان؛ 310 مىڭ ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلۈپ، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق يېزا، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر