باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«دۇنياۋى ئۇسسۇل سەنئىتىدىن بەھىرلىنىپ، ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم»(1)

2017.07.31 16:45   مەنبە: خەلق تورى

«دۇنياۋى ئۇسسۇل سەنئىتىدىن بەھىرلىنىپ، ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم»(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇل كەچتە، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى. شۇكۈنى بۇ يەردە 5 -نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئالاھىدە قاتناشتۇرۇلغان، ئۇكرائىنا «خاركوف» دۆلەتلىك تىياتىر ۋە بالېت ئۆمىكى تەييارلىغان دۇنياۋى بالېت ئۇسسۇلى «ئاققۇ كۆلى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

  كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇسسۇل سەنئىتى تاجىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت دەپ قارىلىپ كەلگەن، 1876-تۇنجى قېتىم سەھنىدە ئوينالغان دۇنياۋى بالېت ئۇسسۇلى «ئاققۇ كۆلى»دە بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  «ئاققۇ كۆلى» دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئوينىلىپ، نۇرغۇن شۆھرەتلەرگە نائىل بولغان كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا شاھزادىنىڭ رولىنى ئالغان دانىلا كورسۇنتسېۋ رۇسىيەدە «تۆھپە كۆرسەتكەن سەنئەتكار» نامىغا ئېرىشكەن، مەلىكىنىڭ رولىنى ئالغان مارىئا ئالېكساندروۋا موسكۋا تىياتىرىنىڭ باش ئۇسسۇلچىسى بولۇپ، «ئۇيقۇدىكى جانان»، كامېن» قاتارلىق كۆپلىگەن بالېت ئۇسسۇللىرىدا باش روللارنى ئېلىپ، دۇنياغا تونۇلغان.

  ئۇلار 26-ئىيۇل كەچتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئويۇندىن بۇرۇن بۇ ئىككەيلەن بىلەن بىرقانچە مۇخبىر ئازراق مۇڭداشتۇق:

  ___ گەرچە ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ بىزگە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى، بىز بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق. بىز ئاۋغۇستتىن باشلاپ جۇڭگودا سەييارە ئويۇن قويۇشنى باشلايمىز. شىنجاڭ بىزنىڭ تۇنجى بېكىتىمىز. شىنجاڭدىن باشقان يەنە 23 جايدا ئويۇن قويىمىز. «ئاققۇ كۆلى»دە ئۇسسۇل ماھارىتىگە، ئورۇنداش ماھارىتىگە بولغان تەلەپ يۇقىرى. نۆۋەتتە بۇ ئۇسسۇلنى دائىم ئويناپ تۇرىدىغان ئۆمەكلەر ئاساسلىقى بۈيۈك براتانىيە بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكى، ماللىن بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكى، ABT بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكىگە ئوخشاش دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى. ئۇندىن باشقا بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئورۇندىلىش جەريانى مۇرەككەپ، تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ بۇ دۇنياۋى ئەسەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ قالىدۇ،- دېدى دانىلا كورسۇنتسېۋ بىزگە.

  بىر يېرىم سائەتلىك ئويۇن ئاياغلاشتى، نۇرغۇن كىشى بۇ دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەرگە قانمىغان ھالەتتە تىياتىرخانىدىن ئايرىلدى.

  __ بۈگۈنكى بۇ ئويۇننى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم، بىز شىنجاڭلىقلار ناھايىتى بەختلىكمىز، ئىشىك ئالدىمىزدا تۇرۇپ دۇنياۋى شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئەسەردىن بەھىرلەندۇق. مەنمۇ ناھايىتى بەختلىكمەن،- دېدى ئويۇندىن چىقىۋاتقان تاماشىبىن ئاينۇر مۇھەممەت ماڭا.(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟