باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق «جەڭ مەيدانى» ھەربىي پاراتىدا، ئازادلىق ئارمىيەنى دۇنيا بويىچە ئىلغار ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بۇيرۇدى

2017.07.31 15:33   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق «جەڭ مەيدانى» ھەربىي پاراتىدا، ئازادلىق ئارمىيەنى دۇنيا بويىچە ئىلغار ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بۇيرۇدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  تومۇزدىكى چەكسىز كەتكەن يايلاقتا ئوتتەك قىزىق جەڭگاھنىڭ جەڭ بۇغىسى چېلىندى. پارات مۇنبىرى ئالدىدا ‹‹1927 - 2017›› دېگەن خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. پاراتتىن ئۆتىدىغان 12 مىڭ كوماندىر-جەڭچى، 600 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ۋە قورال - جابدۇقلار رەتلىك تىزىلىپ، بەئەينى پولات سەددىچىن سېپىلىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 100 دىن كۆپرەك سوقۇش ئايروپىلانى ئالتە ئايرودۇرۇمدا تولۇق تەييارلىنىپ سەپ بولۇپ تۈزۈلگەنىدى. بۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق كاتتا ھەربىي پارات بولۇپ، دالا ئۇرۇشى، ئەمەلىي ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان جەڭ مەيدانىغا ئەسكەرلەرنى يىغىشى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىيلىققا، ئىنقىلابىيلىققا ئىگە ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى يىپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

  سائەت 9 دا ھەربىي پارات باشلاندى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىردەك دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلغا چىقىپ، ھەربىي پارات يولىدا ماڭدى. ھەربىي پارات باش قوماندانى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى خەن ۋېيگو پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ تەييار بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

  قىسىملار پاراتتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېزدىن پارات مۇنبىرى ئالدىغا كېلىپ يىغىلدى. قايتىدىن يىغىلغان قىسىملار خۇددى ئۇيۇل تۆمۈر ئېقىندەك سەپراس بولۇپ تىزىلدى.

  سائەت 10 لار ئەتراپىدا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 90 يىل ئىلگىرى، نەنچاڭ شەھىرىدە تۇنجى ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى كېزىپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قانلىق جەڭ قىلىپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەپ، بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى! بىزنىڭ خەلق ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەھرىمان قوشۇن، ۋەتەنگە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان قەھرىمان قوشۇن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمان قوشۇن بولۇشقا مۇناسىپ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟