باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«بىز جۇڭگو شىنجاڭغا كونگولۇقلارنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئېلىپ كەلدۇق»(1)

2017.07.31 16:49   مەنبە: خەلق تورى

«بىز جۇڭگو شىنجاڭغا كونگولۇقلارنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئېلىپ كەلدۇق»(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30 - ئىيۇل كەچتە شىنجاڭ مۇقام سەنئىتى تىياتىرخانىسىدا كونگو (كىنشاسا) رېتىم ۋە ئۇسسۇل سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىشىدىكى ئۇسسۇل كېچىلىكى «ئۇسسۇلدىكى خۇشاللىق» قويۇلدى. شىنجاڭلىقلار تۇنجى قېتىم ئافرىقىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھىرلەندى.

  ئافرىقىنىڭ ئۆزگىچە ئېگىز دۇمبىقى، ئۆزگىچە ناغرىسى، ياغاچدىن ياسىغان بۇغرىسى... دىن چىققان مۇزىكا ئاۋازىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئەر - ئاياللار... ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى ئۇسسۇل ئويناش... ماڭا ئافرىقىدىن، كونگودىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى باشقىچىلا بىرخىل ھوزۇر بەردى.

  __ بىز جۇڭگو شىنجاڭغا كونگولۇقلارنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئېلىپ كەلدۇق،- دېدى كونگو (كىنشاسا) رېتىم ۋە ئۇسسۇل سەنئەت ئۆمىكى باشلىقى زىباندا توندوي برائىن قولۇمنى قاتتىق سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشكەچ،- ئۆمىكىمىز 28 - ئىيۇل بېيجىڭغا يېتىپ كەلدۇق، 29 - ئىيۇل ئۈرۈمچىگە كەلدۇق. جۇڭگوغا كېلىپلا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە چوڭلۇقى، بېيجىڭنىڭ شۇنچە زامانىۋېلىققا تولغان شەھەر ئىكەنلىكى بولدى. بېيجىڭ پارىژدىنمۇ زامانىۋې ئىكەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ شەھەرنىڭ يېشىللىقى، زامانىۋېلىقى، مىللىي خاسلىقى ماڭا تەسىر قىلدى. جۇڭگو - كونگو (كىنشاسا) ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئافرىقىنىڭئوتتۇرىسىدىكى قۇملۇق دۆلىتى كونگو (كىنشاسا) نىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى جۇڭگودا بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئورۇن بولغان جۇڭگو شىنجاڭدا قويۇلۇشى، مېنىڭچە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىن مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدە بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، كونگو (كىنشاسا) رېتىم ۋە ئۇسسۇل سەنئەت ئۆمىكى كونگو (كىنشاسا) دىكى سەنئەت سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ئۆمەك كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە چىقىپ ئويۇن قويغان، ئۆمەك ئوينىغان ئۇسسۇلارنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى ۋە كۆرۈشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئافرىقىدىكى داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. مەخسۇس ئۇسسۇل كېچىلىكى «ئۇسسۇلدىكى خۇشاللىق» دا كونگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، خۇشالللىقى، مۇھەببەت ھېكايىلىرى، توي خۇشاللىقى، مول ھوسۇل خۇشاللىقى قاتارلىقلار ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  ___ تۈنۈگۈندىن باشلاپ كونگو (كىنشاسا) رېتىم ۋە ئۇسسۇل سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىشقا باشلىدىم. ئۇلار فرانسوز تىلىدا سۆزلىشىدىكەن، ئۆمەكتىكىلەر بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتىم، قىزىقچىلىقى، خۇشخۇيلىقى، ماڭسىمۇ ئۇسسۇل ئويناپ ماڭغاندەك يۈرۈش - تۇرۇشلىرى ماڭا بەك ياخشى تەسىر بەردى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتە يېتىپ كېلىپلا، ھاردىم دېمەي چۈشتىن كېيىن مەيدانغا كېلىپ سەھنە ئەھۋالىنى كۆرۈشىدەك خىزمەتتىكى پوزېتسىيەسى بەك تەسىر قىلدى،- دېدى تەرجىمان ۋاڭ يايۈن ماڭا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟