باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«يەتتە يىللىق ئەقىدە، يەتتە يىللىق نەتىجە»

2017.07.31 16:46   مەنبە: خەلق تورى

«يەتتە يىللىق ئەقىدە، يەتتە يىللىق نەتىجە»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇل كەچتە، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا شاڭخەي سېرىك مەكتىپى ۋە شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكى بىرلىكتە سەھنىلەشتۈرگەن چوڭ تىپتىكى سېرىك سەنئىتى كېچىلىكى «قۇياش ئارزۇسى» قويۇلدى.

  2010-يىلى سىنتەبىردە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 2300 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئارىسىدىن تاللانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 45 ئۆسمۈر ئاتا - ئانىلىرىنىڭ، يۇرتداشلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ شاڭخەي سېرىك مەكتىپىگە ئاتلىنىپ، ئۇ يەردە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە زامانىۋى سەنئەتكار، شىنجاڭ سېرىكچىلىكىدىكى يېڭى يۇلتۇز بولۇش قەدىمىنى باستى. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇ سەبى ئۆسمۈرلەر ھازىر سېرىك سەھنىسىدىكى يېڭى يۇلتۇزلارغا ئايلاندى. شۇ كۈنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «قۇياش ئارزۇسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى سېرىك سەنئىتى كېچىلىكىدە، دەل بۇ 45 ئوقۇغۇچىنىڭ يەتتە يىللىق سېرىك سەنئىتىنى ئۆگىنىش، جاپالىق مەشىق قىلىش، چاقنىغان چولپان بولۇش ئارزۇسى قاتارلىق جەريانلار بايان قىلىنغان بولۇپ، كېچىلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئوقۇتقۇچىلارغا، مەكتەپكە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  «ئەسسىلام نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق چوڭ تىپتىكى سېرىك سەنئىتى كېچىلىكىدە، ئاساسلىق رول ئېلىپ چىققان شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئارتىسلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر دولقۇن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن ئابدۇقادىر غوپۇر، قەلبىنۇر ئابدۇكېرەم\ بۇ يىل مارتتىن باشلاپ شاڭخەي سېرىك ئۆمىكىدە تۇرۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە چوڭ تىپتىكى سېرىك سەنئىتى كېچىلىكى «قۇياش ئارزۇسى»غا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان، كۆپ قېتىملىق ئۆزگەرتىشلەر، تەڭشەشلەر ئارقىلىق، بۇ سەنئەت كېچىلىكى ئاخىرى مۇۋەپەقىيەتلىك ھالدا ۋۇجۇتقا چىققان.

  ___ بۇ كېچىلىك شاڭخەي سېرىك مەكتىپىدىكى شىنجاڭلىق 45 ئوقۇغۇچىنىڭ يەتتە يىللىق نەتىجىسى، كېچىلىكتە نۆۋەتتىكى جۇڭگو سېرىك سەنئىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى نومۇرلار بار. كېچىلىكتىكى ئىككى نومۇر بۇ يىل يىل بېشىدا خەلقئارا سېرىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن،- دېدى ئابدۇشۈكۈر دولقۇن ماڭا.

  شاڭخەي رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، شاڭخەي مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋېزىيە - كىنو گۇرۇھى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان شاڭخەي سېرىك مەكتىپى 1989-يىلى مارتتا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سېرىك كەسپىي مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 2010-يىلى شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان بولۇپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم قىلماقتا.

  ___ مەن يەتتە يېشىمدا شاڭخەي سېرىك مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىغا تاللىنىپ ئوقۇشقا باردىم، يەتتە يىلدىن بۇيان مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە سېرىك سەنئىتىدىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىدىم، مەدەنىيەت ئوقۇشىدىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم. ئاتا - ئانامنىڭ، مەدەنىيەت نازارىتىدىكى ئاكا، ھەدىلەرنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم. ماڭا ئوخشاش يەنە 44 ئوقۇغۇچىمۇ ئوخشاشلا تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىزنىڭ شاڭخەي سېرىك مەكتىپىدە نۇرغۇن خۇشاللىق ئەسلىمىلىرىمىز، جاپالىق مەشىقدىكى تەرلىرىمىز قېلىپ قالدى. مەن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ سېرىك سەنئىتىگە ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىمەن،- دېدى بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن گۈلرۇز شاكىر ماڭا.

  ___ شاڭخەي سېرىك مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىكى مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ چوڭ تىپتىكى سېرىك سەنئىتى كېچىلىكى شىنجاڭدىكى 45 ھەر مىللەت ئۆسمۈر، ياشلىرىنىڭ يەتتە يىللىق ئەقىدىسىنىڭ نەتىجىسى. بىز بۇندىن كېيىن داۋاملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ سېرىك سەنئىتىنى داۋاملىق سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپلىگەن يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىمىز،- دېدى شىنجاڭ سېرىكچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەت ماڭا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟