باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى توردا ئىئانە توپلاشنىڭ خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، سۇپىلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىئانە توپلاش يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2017.07.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 30- ئىيۇل، ئالاقە تورى ئىئانە توپلاش ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، توردا ئىئانە توپلاشنىڭ خەير –ساخاۋەت ئىشلىرىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىغا ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ شەخسنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى ۋە يۇقىرى چېكىنى بېكىتىشىنى، خېيىم–خەتەردىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇر سۇپىسى ئاساسىي تېخنىكا قائىدىسى» ۋە «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورىدىكى ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇر سۇپىسى ئاساسىي باشقۇرۇش قائىدىسى» قاتارلىق بۇ ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەم 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ ئىككى تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سۇپىدا ئىئانە توپلاش سۇبيېكتى چوقۇم ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇشى لازىم، باشقا تەشكىلات، شەخس ۋە سۇپىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى بولمايدۇ. سۇپىلار خەير- ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملانغان گۇۋاھنامىسى، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى دەلىللىشى كېرەك. ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان تەشكىلات، شەخسلەرنى ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر