خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئىيۇل، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەلچىخانىنىڭ، يەنى ئىراقنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىخەتەرلىك خادىملىرى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31- ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پايتەخت كابۇلنىڭ 10- ساقچىلىق تەۋەسىگە قاراشلىق رايونغا جايلاشقان ئۇ ئەلچىخانا، يەنى ئىراقنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە ئەلچىخانا سىرتىدىكى بىر ساقچى يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى