باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق رەسىملىرىدىن تاللانما» تارقىتىلدى

2017.07.31 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىئو - كىنو - تېلىۋېزىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنخاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسساملىرى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق رەسىملىرىدىن تاللانما» نى تارقىتىش ۋە ماي بوياق رەسىملىرى تەتقىقات يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى. تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئابدۇكېرىم نەسىردىن جۇڭگو ماي بوياق رەسىملىرى ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ماگېستىر ئاسپىرانتى؛ تۇنجى دۇنيا پەن - مائارىپ- سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن 100 نەپەر جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەرگە بېرىلگەن «ئالتۇن ئوردېن» غا ئېرىشكەن ئۇيغۇر رەسسامى؛ تۇنجى بولۇپ دۆلىتىمىزدىكى 100 نەپەر داڭلىق سەنئەتكار نامىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر رەسسام؛ تۇنجى بولۇپ جۇڭگو گۈزەل - سەنئەت سارىيىدا شەخسىي كۆرگەزمە ئاچقان ئۇيغۇر رەسسام. ئۇ شىنجاڭ گۈزەل - سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ پەخرى، شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى.

  يىغىندا شىنجاڭ سەنئەت ساھەسىدىكى بىرقىسىم مۇتەخسىسلەر ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ ئۆزلىرىگە قالدۇرغان قىممەتلىك روھىي بايلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ بۇ پىشقەدەم سەنئەتكارغا بولغان ھۈرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق رەسىملىرىدىن تاللانما» نىڭ نەشىردىن چىقىشى بىر سەنئەتكارنىڭ سەنئەت ھاياتىغا بولغان ئەڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىغا بولغان ۋارىسلىق قىلىشتۇر. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنى خىزمەتلەرنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە نەشرىيات خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر