باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.31 15:43   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار كېچىلىكنى كۆردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسسىق قېنىمىز ۋە پىداكارلىقىمىز بىلەن سەلتەنەتلىك داستان پۈتۈپ، ساداقىتىمىز ۋە ئېتىقادىمىز ئارقىلىق شانلىق مۇساپىنى تاماملايمىز. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەختتىكى 3000 دىن ئارتۇق ساھە ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى.

  90 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق، 90 يىللىق جەسۇرانە ئىلگىرىلەش. كېچىلىك تۆت كۆرۈنۈش ئارقىلىق خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن شانلىق مۇساپىنى بايان قىلدى.

  پۈتكۈل كېچىلىك ھەيۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئۇنىۋېرسال قوللىنىلغان بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلاب دولقۇنىدا دۇنياغا كېلىپ، قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلغان شەرەپلىك تارىخىي تۆھپىسى جانلىق نامايان قىلىنغان، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق يېڭى شان-شەرەپلەرنى قۇچقان يۈكسەك غەيرەت-جاسارىتى قىزغىن مەدھىيەلەنگەن. كېچىلىك ئارقا-ئارقىدىن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كېچىلىكنى كۆردى.

  كېچىلىكنى كۆرۈشكە قاتناشقانلاردىن يەنە: پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پېشقەدەم يولداشلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئارمىيەدىن دەم ئېلىش ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئارمىيەدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشقان ئۈلگىلىك كادىرلار ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئاممىۋى تارماقلار ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟